وَلَمَّا أَكْمَلَ يَسُوعُ هَذِهِ ٱلْأَقْوَالَ كُلَّهَا قَالَ لِتَلَامِيذِهِ: | ١ 1 |
ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، مۇخلىسلىرىغا: |
«تَعْلَمُونَ أَنَّهُ بَعْدَ يَوْمَيْنِ يَكُونُ ٱلْفِصْحُ، وَٱبْنُ ٱلْإِنْسَانِ يُسَلَّمُ لِيُصْلَبَ». | ٢ 2 |
ــ سىلەرگە مەلۇمكى، ئىككى كۈندىن كېيىن «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى» بولىدۇ، شۇ چاغدا ئىنسانئوغلى كرېستلىنىش ئۈچۈن تۇتۇپ بېرىلىدۇ، ــ دېدى. |
حِينَئِذٍ ٱجْتَمَعَ رُؤَسَاءُ ٱلْكَهَنَةِ وَٱلْكَتَبَةُ وَشُيُوخُ ٱلشَّعْبِ إِلَى دَارِ رَئِيسِ ٱلْكَهَنَةِ ٱلَّذِي يُدْعَى قَيَافَا، | ٣ 3 |
باش كاھىنلار ۋە ئاقساقاللار قايافا ئىسىملىك باش كاھىننىڭ سارىيىدا جەم بولۇشتى. |
وَتَشَاوَرُوا لِكَيْ يُمْسِكُوا يَسُوعَ بِمَكْرٍ وَيَقْتُلُوهُ. | ٤ 4 |
ئۇلار ئەيسانى قانداق قىلىپ ھىيلە-نەيرەڭ بىلەن تۇتۇپ ئۆلتۈرۈش توغرىسىدا مەسلىھەت قىلىشتى. |
وَلَكِنَّهُمْ قَالُوا: «لَيْسَ فِي ٱلْعِيدِ لِئَلَّا يَكُونَ شَغَبٌ فِي ٱلشَّعْبِ». | ٥ 5 |
بىراق ئۇلار: ــ بۇ ئىش ھېيت-ئايەم كۈنلىرى قىلىنمىسۇن. بولمىسا، خەلق ئارىسىدا مالىمانچىلىق چىقىشى مۇمكىن، ــ دېيىشتى. |
وَفِيمَا كَانَ يَسُوعُ فِي بَيْتِ عَنْيَا فِي بَيْتِ سِمْعَانَ ٱلْأَبْرَصِ، | ٦ 6 |
ئەمدى ئەيسا بەيت-ئانىيا يېزىسىدا، «سىمون ماخاۋ»نىڭ ئۆيىدە بولغىنىدا، |
تَقَدَّمَتْ إِلَيْهِ ٱمْرَأَةٌ مَعَهَا قَارُورَةُ طِيبٍ كَثِيرِ ٱلثَّمَنِ، فَسَكَبَتْهُ عَلَى رَأْسِهِ وَهُوَ مُتَّكِئٌ. | ٧ 7 |
بىر ئايال ئۇنىڭ يېنىغا كىردى. ئۇ ئاق قاشتېشى شېشىدە ناھايىتى قىممەتلىك ئەتىرنى ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ئەيسا داستىخاندا ئولتۇرغاندا، ئەتىرنى ئۇنىڭ بېشىغا قۇيدى. |
فَلَمَّا رَأَى تَلَامِيذُهُ ذَلِكَ ٱغْتَاظُوا قَائِلِينَ: «لِمَاذَا هَذَا ٱلْإِتْلَافُ؟ | ٨ 8 |
لېكىن مۇخلىسلار بۇنى كۆرۈپ خاپا بولۇشۇپ: ــ زادى نېمىشقا بۇنداق ئىسراپچىلىق قىلىنىدۇ؟ |
لِأَنَّهُ كَانَ يُمْكِنُ أَنْ يُبَاعَ هَذَا ٱلطِّيبُ بِكَثِيرٍ وَيُعْطَى لِلْفُقَرَاءِ». | ٩ 9 |
چۈنكى بۇ ئەتىرنى كۆپ پۇلغا سېتىپ، پۇلىنى كەمبەغەللەرگە سەدىقە قىلسا بولاتتىغۇ! ــ دېيىشتى. |
فَعَلِمَ يَسُوعُ وَقَالَ لَهُمْ: «لِمَاذَا تُزْعِجُونَ ٱلْمَرْأَةَ؟ فَإِنَّهَا قَدْ عَمِلَتْ بِي عَمَلًا حَسَنًا! | ١٠ 10 |
لېكىن ئەيسا ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىپ ئۇلارغا: ــ بۇ ئايالنىڭ كۆڭلىنى نېمە دەپ ئاغرىتىسىلەر؟ چۈنكى ئۇ مەن ئۈچۈن ياخشى بىر ئىشنى قىلدى. |
لِأَنَّ ٱلْفُقَرَاءَ مَعَكُمْ فِي كُلِّ حِينٍ، وَأَمَّا أَنَا فَلَسْتُ مَعَكُمْ فِي كُلِّ حِينٍ. | ١١ 11 |
چۈنكى كەمبەغەللەر دائىم سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بولىدۇ، لېكىن مېنىڭ ئاراڭلاردا بولۇشۇم سىلەرگە دائىم نېسىپ بولىۋەرمەيدۇ! |
فَإِنَّهَا إِذْ سَكَبَتْ هَذَا ٱلطِّيبَ عَلَى جَسَدِي إِنَّمَا فَعَلَتْ ذَلِكَ لِأَجْلِ تَكْفِينِي. | ١٢ 12 |
بۇ ئايالنىڭ بۇ ئەتىرنى بەدىنىمگە قۇيۇشى مېنىڭ دەپنە قىلىنىشىمغا تەييار بولۇشۇم ئۈچۈن بولدى. |
اَلْحَقَّ أَقُولُ لَكُمْ: حَيْثُمَا يُكْرَزْ بِهَذَا ٱلْإِنْجِيلِ فِي كُلِّ ٱلْعَالَمِ، يُخْبَرْ أَيْضًا بِمَا فَعَلَتْهُ هَذِهِ تَذْكَارًا لَهَا». | ١٣ 13 |
مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇ خۇش خەۋەر پۈتكۈل دۇنيانىڭ قەيېرىدە جاكارلانسا، بۇ ئايال ئەسلىنىپ، ئۇنىڭ قىلغان بۇ ئىشى تەرىپلىنىدۇ، ــ دېدى. |
حِينَئِذٍ ذَهَبَ وَاحِدٌ مِنَ ٱلِٱثْنَيْ عَشَرَ، ٱلَّذِي يُدْعَى يَهُوذَا ٱلْإِسْخَرْيُوطِيَّ، إِلَى رُؤَسَاءِ ٱلْكَهَنَةِ | ١٤ 14 |
بۇ ئىشتىن كېيىن، ئون ئىككىيلەندىن يەھۇدا ئىشقارىيوت ئىسىملىك بىرى باش كاھىنلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ: |
وَقَالَ: «مَاذَا تُرِيدُونَ أَنْ تُعْطُونِي وَأَنَا أُسَلِّمُهُ إِلَيْكُمْ؟». فَجَعَلُوا لَهُ ثَلَاثِينَ مِنَ ٱلْفِضَّةِ. | ١٥ 15 |
ــ ئۇنى تۇتۇپ بەرسەم، ماڭا نېمە بېرىسىلەر؟ ــ دېدى. ئۇلار ئۇنىڭ ئالدىغا ئوتتۇز كۈمۈش تەڭگە قويدى. |
وَمِنْ ذَلِكَ ٱلْوَقْتِ كَانَ يَطْلُبُ فُرْصَةً لِيُسَلِّمَهُ. | ١٦ 16 |
يەھۇدا شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇنى تۇتۇپ بېرىشكە مۇۋاپىق پۇرسەت ئىزدەشكە باشلىدى. |
وَفِي أَوَّلِ أَيَّامِ ٱلْفَطِيرِ تَقَدَّمَ ٱلتَّلَامِيذُ إِلَى يَسُوعَ قَائِلِينَ لَهُ: «أَيْنَ تُرِيدُ أَنْ نُعِدَّ لَكَ لِتَأْكُلَ ٱلْفِصْحَ؟». | ١٧ 17 |
پېتىر نان ھېيتىنىڭ بىرىنچى كۈنى، مۇخلىسلار ئەيسانىڭ يېنىغا كېلىپ: ــ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى يېيىشىڭ ئۈچۈن قەيەردە تەييارلىشىمىزنى خالايسەن؟ ــ دەپ سورىدى. |
فَقَالَ: «ٱذْهَبُوا إِلَى ٱلْمَدِينَةِ، إِلَى فُلَانٍ وَقُولُوا لَهُ: ٱلْمُعَلِّمُ يَقُولُ: إِنَّ وَقْتِي قَرِيبٌ. عِنْدَكَ أَصْنَعُ ٱلْفِصْحَ مَعَ تَلَامِيذِي». | ١٨ 18 |
ئۇ ئۇلارغا: ــ شەھەرگە كىرىپ پالانچىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنىڭغا: «ئۇستاز: ــ ۋاقىت-سائىتىم يېقىنلىشىپ قالدى، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى مۇخلىسلىرىم بىلەن بىرلىكتە سېنىڭ ئۆيۈڭدە ئۆتكۈزەي ــ دەيدۇ» دەپ ئېيتىڭلار، ــ دېدى. |
فَفَعَلَ ٱلتَّلَامِيذُ كَمَا أَمَرَهُمْ يَسُوعُ وَأَعَدُّوا ٱلْفِصْحَ. | ١٩ 19 |
مۇخلىسلار ئەيسانىڭ تاپىلىغىنىدەك ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى شۇ يەردە تەييارلىدى. |
وَلَمَّا كَانَ ٱلْمَسَاءُ ٱتَّكَأَ مَعَ ٱلِٱثْنَيْ عَشَرَ. | ٢٠ 20 |
كەچقۇرۇن، ئۇ ئون ئىككىيلەن بىلەن داستىخاندا ئولتۇردى. |
وَفِيمَا هُمْ يَأْكُلُونَ قَالَ: «ٱلْحَقَّ أَقُولُ لَكُمْ: إِنَّ وَاحِدًا مِنْكُمْ يُسَلِّمُنِي». | ٢١ 21 |
ئۇلار غىزالىنىۋاتقاندا ئۇ: ــ مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئاراڭلاردىكى بىرەيلەن ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدۇ، ــ دېدى. |
فَحَزِنُوا جِدًّا، وَٱبْتَدَأَ كُلُّ وَاحِدٍ مِنْهُمْ يَقُولُ لَهُ: «هَلْ أَنَا هُوَ يَارَبُّ؟». | ٢٢ 22 |
[بۇنى ئاڭلاپ] ئۇلار ئىنتايىن قايغۇغا چۆمۈپ، بىر-بىرلەپ ئۇنىڭدىن: ــ يا رەب، مەن ئەمەستىمەن؟ ــ دەپ سوراشقا باشلىدى. |
فَأَجَابَ وَقَالَ: «ٱلَّذِي يَغْمِسُ يَدَهُ مَعِي فِي ٱلصَّحْفَةِ هُوَ يُسَلِّمُنِي! | ٢٣ 23 |
ئۇ جاۋابەن: ــ قولىدىكى ناننى مەن بىلەن تەڭ تاۋاققا تۆگۈرگەن كىشى، ماڭا ساتقۇنلۇق قىلغۇچى شۇ بولىدۇ. |
إِنَّ ٱبْنَ ٱلْإِنْسَانِ مَاضٍ كَمَا هُوَ مَكْتُوبٌ عَنْهُ، وَلَكِنْ وَيْلٌ لِذَلِكَ ٱلرَّجُلِ ٱلَّذِي بِهِ يُسَلَّمُ ٱبْنُ ٱلْإِنْسَانِ. كَانَ خَيْرًا لِذَلِكَ ٱلرَّجُلِ لَوْ لَمْ يُولَدْ!». | ٢٤ 24 |
ئىنسانئوغلى دەرۋەقە [مۇقەددەس يازمىلاردا] ئۆزى توغرىسىدا پۈتۈلگىنىدەك [ئۆلۈمگە] كېتىدۇ؛ بىراق ئىنسانئوغلىنىڭ تۇتۇپ بېرىلىشىگە ۋاسىتىچى بولغان ئادەمنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇ ئادەم تۇغۇلمىغان بولسا ياخشى بولاتتى! ــ دېدى. |
فَأَجَابَ يَهُوذَا مُسَلِّمُهُ وَقَالَ: «هَلْ أَنَا هُوَ يا سَيِّدِي؟». قَالَ لَهُ: «أَنْتَ قُلْتَ». | ٢٥ 25 |
ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان يەھۇدا: ــ ئۇستاز، مەن ئەمەستىمەن؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ ئۇنىڭغا: ــ ئۆزۈڭ دېدىڭ جۇمۇ، ــ دېدى. |
وَفِيمَا هُمْ يَأْكُلُونَ أَخَذَ يَسُوعُ ٱلْخُبْزَ، وَبَارَكَ وَكَسَّرَ وَأَعْطَى ٱلتَّلَامِيذَ وَقَالَ: «خُذُوا كُلُوا. هَذَا هُوَ جَسَدِي». | ٢٦ 26 |
ئۇلار غىزالىنىۋاتقاندا، ئەيسا بىر ناننى قولىغا ئېلىپ [خۇداغا] تەشەككۈر-ھەمدۇسانا ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇنى ئوشتۇپ، مۇخلىسلىرىغا ئۈلەشتۈرۈپ بەردى ۋە: ــ ئېلىڭلار، يەڭلار، بۇ مېنىڭ تېنىم، ــ دېدى. |
وَأَخَذَ ٱلْكَأْسَ وَشَكَرَ وَأَعْطَاهُمْ قَائِلًا: «ٱشْرَبُوا مِنْهَا كُلُّكُمْ، | ٢٧ 27 |
ئاندىن، قولىغا جامنى ئېلىپ [خۇداغا] تەشەككۈر-ھەمدۇسانا ئېيتىپ، ئۇنى مۇخلىسلىرىغا تۇتۇپ: ــ ھەممەيلەن بۇنىڭدىن ئىچىڭلار. |
لِأَنَّ هَذَا هُوَ دَمِي ٱلَّذِي لِلْعَهْدِ ٱلْجَدِيدِ ٱلَّذِي يُسْفَكُ مِنْ أَجْلِ كَثِيرِينَ لِمَغْفِرَةِ ٱلْخَطَايَا. | ٢٨ 28 |
بۇ مېنىڭ نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن تۆكۈلىدىغان، يېڭى ئەھدىنى تۈزىدىغان قېنىمدۇر. |
وَأَقُولُ لَكُمْ: إِنِّي مِنَ ٱلْآنَ لَا أَشْرَبُ مِنْ نِتَاجِ ٱلْكَرْمَةِ هَذَا إِلَى ذَلِكَ ٱلْيَوْمِ حِينَمَا أَشْرَبُهُ مَعَكُمْ جَدِيدًا فِي مَلَكُوتِ أَبِي». | ٢٩ 29 |
لېكىن مەن شۇنى سىلەرگە ئېيتايكى، ئاتامنىڭ پادىشاھلىقىدا سىلەر بىلەن بىرلىكتە يېڭىدىن شارابتىن ئىچمىگۈچە، ئۈزۈم تېلىنىڭ شەربىتىنى ھەرگىز ئىچمەيمەن، ــ دېدى. |
ثُمَّ سَبَّحُوا وَخَرَجُوا إِلَى جَبَلِ ٱلزَّيْتُونِ. | ٣٠ 30 |
ئۇلار مەدھىيە كۈيىنى ئېيتقاندىن كېيىن تالاغا چىقىپ، زەيتۇن تېغىغا قاراپ كېتىشتى. |
حِينَئِذٍ قَالَ لَهُمْ يَسُوعُ: «كُلُّكُمْ تَشُكُّونَ فِيَّ فِي هَذِهِ ٱللَّيْلَةِ، لِأَنَّهُ مَكْتُوبٌ: أَنِّي أَضْرِبُ ٱلرَّاعِيَ فَتَتَبَدَّدُ خِرَافُ ٱلرَّعِيَّةِ. | ٣١ 31 |
ئاندىن ئەيسا ئۇلارغا: ــ بۈگۈن كېچە سىلەر ھەممىڭلار مېنىڭ تۈپەيلىمدىن تاندۇرۇلۇپ پۇتلىشىسىلەر، چۈنكى [مۇقەددەس يازمىلاردا]: ــ «مەن پادىچىنى ئۇرۇۋېتىمەن، پادىدىكى قويلار پاتىپاراق بولۇپ تارقىتىۋېتىلىدۇ» دەپ پۈتۈلگەن. |
وَلَكِنْ بَعْدَ قِيَامِي أَسْبِقُكُمْ إِلَى ٱلْجَلِيلِ». | ٣٢ 32 |
لېكىن مەن تىرىلگەندىن كېيىن گالىلىيەگە سىلەردىن بۇرۇن بارىمەن، ــ دېدى. |
فَأَجَابَ بُطْرُسُ وَقَالَ لَهُ: «وَإِنْ شَكَّ فِيكَ ٱلْجَمِيعُ فَأَنَا لَا أَشُكُّ أَبَدًا». | ٣٣ 33 |
پېترۇس ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ ھەممەيلەن سېنىڭ تۈپەيلىڭدىن تاندۇرۇلۇپ پۇتلاشسىمۇ، مەن ھەرگىز پۇتلاشمايمەن، دېدى. |
قَالَ لَهُ يَسُوعُ: «ٱلْحَقَّ أَقُولُ لَكَ: إِنَّكَ فِي هَذِهِ ٱللَّيْلَةِ قَبْلَ أَنْ يَصِيحَ دِيكٌ تُنْكِرُنِي ثَلَاثَ مَرَّاتٍ». | ٣٤ 34 |
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ مەن ساڭا بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۈگۈن كېچە خوراز چىللاشتىن بۇرۇن، سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن، ــ دېدى. |
قَالَ لَهُ بُطْرُسُ: «وَلَوِ ٱضْطُرِرْتُ أَنْ أَمُوتَ مَعَكَ لَا أُنْكِرُكَ!». هَكَذَا قَالَ أَيْضًا جَمِيعُ ٱلتَّلَامِيذِ. | ٣٥ 35 |
پېترۇس ئۇنىڭغا: ــ سەن بىلەن بىللە ئۆلۈشۈم كېرەك بولسىمۇ، سەندىن ھەرگىز تانمايمەن، ــ دېدى. قالغان مۇخلىسلارنىڭ ھەممىسىمۇ شۇنداق دېيىشتى. |
حِينَئِذٍ جَاءَ مَعَهُمْ يَسُوعُ إِلَى ضَيْعَةٍ يُقَالُ لَهَا جَثْسَيْمَانِي، فَقَالَ لِلتَّلَامِيذِ: «ٱجْلِسُوا هَهُنَا حَتَّى أَمْضِيَ وَأُصَلِّيَ هُنَاكَ». | ٣٦ 36 |
ئاندىن ئەيسا ئۇلار بىلەن بىللە گېتسىمانە دېگەن يەرگە كەلدى. ئۇ مۇخلىسلارغا: «مەن ئۇ ياققا بېرىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ كەلگۈچە، مۇشۇ جايدا ئولتۇرۇپ تۇرۇڭلار» دېدى. |
ثُمَّ أَخَذَ مَعَهُ بُطْرُسَ وَٱبْنَيْ زَبْدِي، وَٱبْتَدَأَ يَحْزَنُ وَيَكْتَئِبُ. | ٣٧ 37 |
ئۇ پېترۇسنى، شۇنداقلا زەبەدىينىڭ ئىككى ئوغلىنى بىرگە ئېلىپ ماڭدى ۋە قاتتىق ئازابلىنىپ، كۆڭلى تولىمۇ پەرىشان بولۇشقا باشلىدى. |
فَقَالَ لَهُمْ: «نَفْسِي حَزِينَةٌ جِدًّا حَتَّى ٱلْمَوْتِ. اُمْكُثُوا هَهُنَا وَٱسْهَرُوا مَعِي». | ٣٨ 38 |
ئۇ ئۇلارغا: ــ جېنىم ئۆلىدىغاندەك بەكمۇ ئازابلانماقتا. سىلەر بۇ يەردە قېلىپ، مەن بىلەن بىرلىكتە ئويغاق تۇرۇڭلار، ــ دېۋىدى، |
ثُمَّ تَقَدَّمَ قَلِيلًا وَخَرَّ عَلَى وَجْهِهِ، وَكَانَ يُصَلِّي قَائِلًا: «يَا أَبَتَاهُ، إِنْ أَمْكَنَ فَلْتَعْبُرْ عَنِّي هَذِهِ ٱلْكَأْسُ، وَلَكِنْ لَيْسَ كَمَا أُرِيدُ أَنَا بَلْ كَمَا تُرِيدُ أَنْتَ». | ٣٩ 39 |
سەل نېرىراق بېرىپ، ئۆزىنى يەرگە ئېتىپ دۈم يېتىپ دۇئا قىلىپ: ــ ئى ئاتام، مۇمكىن بولسا، بۇ قەدەھ مەندىن ئۆتۈپ كەتسۇن! لېكىن بۇ ئىش مەن خالىغاندەك ئەمەس، سەن خالىغاندەك بولسۇن، ــ دېدى. |
ثُمَّ جَاءَ إِلَى ٱلتَّلَامِيذِ فَوَجَدَهُمْ نِيَامًا، فَقَالَ لِبُطْرُسَ: «أَهَكَذَا مَا قَدَرْتُمْ أَنْ تَسْهَرُوا مَعِي سَاعَةً وَاحِدَةً؟ | ٤٠ 40 |
ئۇ مۇخلىسلارنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگىنىدە، ئۇلارنىڭ ئۇخلاپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، پېترۇسقا: ــ مەن بىلەن بىللە بىرەر سائەتمۇ ئويغاق تۇرالمىدىڭلارمۇ؟! |
اِسْهَرُوا وَصَلُّوا لِئَلَّا تَدْخُلُوا فِي تَجْرِبَةٍ. أَمَّا ٱلرُّوحُ فَنَشِيطٌ وَأَمَّا ٱلْجَسَدُ فَضَعِيفٌ». | ٤١ 41 |
ئېزىقتۇرۇلۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئويغاق تۇرۇپ دۇئا قىلىڭلار. روھ پىداكار بولسىمۇ، لېكىن كىشىنىڭ ئەتلىرى ئاجىزدۇر، ــ دېدى. |
فَمَضَى أَيْضًا ثَانِيَةً وَصَلَّى قَائِلًا: «يَا أَبَتَاهُ، إِنْ لَمْ يُمْكِنْ أَنْ تَعْبُرَ عَنِّي هَذِهِ ٱلْكَأْسُ إِلَّا أَنْ أَشْرَبَهَا، فَلْتَكُنْ مَشِيئَتُكَ». | ٤٢ 42 |
ئۇ ئىككىنچى قېتىم بېرىپ، يەنە دۇئا قىلىپ: ــ ئى ئاتام، ئەگەر مەن بۇ قەدەھنى ئىچمىسەم ئۇ مەندىن كەتمىسە، ئۇنداقتا سېنىڭ ئىرادەڭ ئادا قىلىنسۇن، ــ دېدى. |
ثُمَّ جَاءَ فَوَجَدَهُمْ أَيْضًا نِيَامًا، إِذْ كَانَتْ أَعْيُنُهُمْ ثَقِيلَةً. | ٤٣ 43 |
ئۇ ئۇلارنىڭ يېنىغا [قايتىپ] كەلگىنىدە، يەنە ئۇخلاپ قالغانلىقىنى كۆردى، چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئۇيقۇغا ئىلىنغانىدى. |
فَتَرَكَهُمْ وَمَضَى أَيْضًا وَصَلَّى ثَالِثَةً قَائِلًا ذَلِكَ ٱلْكَلَامَ بِعَيْنِهِ. | ٤٤ 44 |
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلاردىن ئايرىلىپ ئۈچىنچى قېتىم بېرىپ، يەنە شۇ سۆزلەر بىلەن دۇئا قىلدى. |
ثُمَّ جَاءَ إِلَى تَلَامِيذِهِ وَقَالَ لَهُمْ: «نَامُوا ٱلْآنَ وَٱسْتَرِيحُوا! هُوَذَا ٱلسَّاعَةُ قَدِ ٱقْتَرَبَتْ، وَٱبْنُ ٱلْإِنْسَانِ يُسَلَّمُ إِلَى أَيْدِي ٱلْخُطَاةِ. | ٤٥ 45 |
ئاندىن ئۇ مۇخلىسلارنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇلارغا: ــ سىلەر تېخىچە ئۇخلاۋاتامسىلەر، تېخىچە دەم ئېلىۋاتامسىلەر؟ مانا، ۋاقىت-سائىتى يېقىنلاشتى؛ ئىنسانئوغلى گۇناھكارلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ. |
قُومُوا نَنْطَلِقْ! هُوَذَا ٱلَّذِي يُسَلِّمُنِي قَدِ ٱقْتَرَبَ!». | ٤٦ 46 |
قوپۇڭلار، كېتەيلى؛ مانا، ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان كىشى يېقىن كەلدى! ــ دېدى. |
وَفِيمَا هُوَ يَتَكَلَّمُ، إِذَا يَهُوذَا أَحَدُ ٱلِٱثْنَيْ عَشَرَ قَدْ جَاءَ وَمَعَهُ جَمْعٌ كَثِيرٌ بِسُيُوفٍ وَعِصِيٍّ مِنْ عِنْدِ رُؤَسَاءِ ٱلْكَهَنَةِ وَشُيُوخِ ٱلشَّعْبِ. | ٤٧ 47 |
ئۇنىڭ سۆزى تېخى تۈگىمەيلا، ئون ئىككىيلەندىن بىرى بولغان يەھۇدا كەلدى؛ ئۇنىڭ يېنىدا باش كاھىنلار ۋە خەلق ئاقساقاللىرى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن، قىلىچ-توقماقلارنى كۆتۈرگەن زور بىر توپ ئادەم بار ئىدى. |
وَٱلَّذِي أَسْلَمَهُ أَعْطَاهُمْ عَلَامَةً قَائِلًا: «ٱلَّذِي أُقَبِّلُهُ هُوَ هُوَ. أَمْسِكُوهُ». | ٤٨ 48 |
ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلغۇچى ئۇلار بىلەن ئاللىبۇرۇن ئىشارەتنى بېكىتىپ: «مەن كىمنى سۆيسەم، ئۇ دەل شۇدۇر. سىلەر ئۇنى تۇتۇڭلار» دەپ كېلىشكەنىدى. |
فَلِلْوَقْتِ تَقَدَّمَ إِلَى يَسُوعَ وَقَالَ: «ٱلسَّلَامُ يا سَيِّدِي!» وَقَبَّلَهُ. | ٤٩ 49 |
ئۇ ئۇدۇل ئەيسانىڭ ئالدىغا بېرىپ: ــ سالام، ئۇستاز! ــ دەپ ئۇنى سۆيۈپ كەتتى. |
فَقَالَ لَهُ يَسُوعُ: «يَا صَاحِبُ، لِمَاذَا جِئْتَ؟». حِينَئِذٍ تَقَدَّمُوا وَأَلْقَوْا ٱلْأَيَادِيَ عَلَى يَسُوعَ وَأَمْسَكُوهُ. | ٥٠ 50 |
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ئاغىنەم، نېمە دەپ كەلدىڭ؟ ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن، ھېلىقى ئادەملەر يوپۇرۇلۇپ كېلىپ، ئەيساغا قول سېلىپ، ئۇنى تۇتقۇن قىلدى. |
وَإِذَا وَاحِدٌ مِنَ ٱلَّذِينَ مَعَ يَسُوعَ مَدَّ يَدَهُ وَٱسْتَلَّ سَيْفَهُ وَضَرَبَ عَبْدَ رَئِيسِ ٱلْكَهَنَةِ، فَقَطَعَ أُذْنَهُ. | ٥١ 51 |
ۋە مانا، ئەيسانىڭ يېنىدىكىلەردىن بىرەيلەن قىلىچىنى سۇغۇرۇپ، باش كاھىننىڭ چاكىرىغا ئۇرۇۋىدى، ئۇنىڭ قۇلىقىنى شىلىپ چۈشۈرۈۋەتتى. |
فَقَالَ لَهُ يَسُوعُ: «رُدَّ سَيْفَكَ إِلَى مَكَانِهِ. لِأَنَّ كُلَّ ٱلَّذِينَ يَأْخُذُونَ ٱلسَّيْفَ بِٱلسَّيْفِ يَهْلِكُونَ! | ٥٢ 52 |
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ قىلىچىڭنى قىنىغا سال، قىلىچ كۆتۈرگەنلەر قىلىچ ئاستىدا ھالاك بولىدۇ. |
أَتَظُنُّ أَنِّي لَا أَسْتَطِيعُ ٱلْآنَ أَنْ أَطْلُبَ إِلَى أَبِي فَيُقَدِّمَ لِي أَكْثَرَ مِنِ ٱثْنَيْ عَشَرَ جَيْشًا مِنَ ٱلْمَلَائِكَةِ؟ | ٥٣ 53 |
ياكى مېنى ئاتىسىغا نىدا قىلالمايدىغان بولدى، دەپ ئويلاپ قالدىڭمۇ؟! شۇنداق قىلساملا ئۇ ماڭا شۇئان ئون ئىككى قىسىمدىن ئارتۇق پەرىشتە ماڭدۇرمامدۇ؟ |
فَكَيْفَ تُكَمَّلُ ٱلْكُتُبُ: أَنَّهُ هَكَذَا يَنْبَغِي أَنْ يَكُونَ؟». | ٥٤ 54 |
بىراق مەن ئۇنداق قىلسام، مۇقەددەس يازمىلاردىكى بۇ ئىشلار مۇقەررەر بولىدۇ دېگەن بېشارەتلەر قانداقمۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇلسۇن؟ ــ دېدى. |
فِي تِلْكَ ٱلسَّاعَةِ قَالَ يَسُوعُ لِلْجُمُوعِ: «كَأَنَّهُ عَلَى لِصٍّ خَرَجْتُمْ بِسُيُوفٍ وَعِصِيٍّ لِتَأْخُذُونِي! كُلَّ يَوْمٍ كُنْتُ أَجْلِسُ مَعَكُمْ أُعَلِّمُ فِي ٱلْهَيْكَلِ وَلَمْ تُمْسِكُونِي. | ٥٥ 55 |
شۇ پەيتتە ئەيسا توپلاشقان ئادەملەرگە قاراپ: ــ بىر قاراقچىنى تۇتىدىغاندەك قىلىچ-توقماقلارنى كۆتۈرۈپ مېنى تۇتقىلى كەپسىلەرغۇ؟ مەن ھەر كۈنى ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا سىلەر بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ تەلىم بېرەتتىم، لېكىن سىلەر ئۇ چاغدا مېنى تۇتمىدىڭلار. |
وَأَمَّا هَذَا كُلُّهُ فَقَدْ كَانَ لِكَيْ تُكَمَّلَ كُتُبُ ٱلْأَنْبِيَاءِ». حِينَئِذٍ تَرَكَهُ ٱلتَّلَامِيذُ كُلُّهُمْ وَهَرَبُوا. | ٥٦ 56 |
لېكىن بۇ پۈتۈن ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى پەيغەمبەرلەرنىڭ مۇقەددەس يازمىلىرىدا ئالدىن ئېيتقانلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن بولدى، ــ دېدى. بۇ چاغدا، مۇخلىسلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى تاشلاپ قېچىپ كېتىشتى. |
وَٱلَّذِينَ أَمْسَكُوا يَسُوعَ مَضَوْا بِهِ إِلَى قَيَافَا رَئِيسِ ٱلْكَهَنَةِ، حَيْثُ ٱجْتَمَعَ ٱلْكَتَبَةُ وَٱلشُّيُوخُ. | ٥٧ 57 |
ئەمدى ئەيسانى تۇتقۇن قىلغانلار ئۇنى باش كاھىن قايافانىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشتى. تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن ئاقساقاللارمۇ ئۇ يەردە جەم بولۇشقانىدى. |
وَأَمَّا بُطْرُسُ فَتَبِعَهُ مِنْ بَعِيدٍ إِلَى دَارِ رَئِيسِ ٱلْكَهَنَةِ، فَدَخَلَ إِلَى دَاخِلٍ وَجَلَسَ بَيْنَ ٱلْخُدَّامِ لِيَنْظُرَ ٱلنِّهَايَةَ. | ٥٨ 58 |
پېترۇس ئۇنىڭغا تاكى باش كاھىننىڭ سارىيىنىڭ [ھويلىسىغىچە] يىراقتىن ئەگىشىپ كېلىپ، ئىشنىڭ ئاقىۋېتىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئىچكىرىگە كىرىپ، قاراۋۇللارنىڭ ئارىسىدا ئولتۇردى. |
وَكَانَ رُؤَسَاءُ ٱلْكَهَنَةِ وَٱلشُّيُوخُ وَٱلْمَجْمَعُ كُلُّهُ يَطْلُبُونَ شَهَادَةَ زُورٍ عَلَى يَسُوعَ لِكَيْ يَقْتُلُوهُ، | ٥٩ 59 |
باش كاھىنلار، ئاقساقاللار ۋە پۈتۈن ئالىي كېڭەشمە ئەزالىرى ئەيسانى ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلىش ئۈچۈن، يالغان گۇۋاھ-ئىسپات ئىزدەيتتى. |
فَلَمْ يَجِدُوا. وَمَعَ أَنَّهُ جَاءَ شُهُودُ زُورٍ كَثِيرُونَ، لَمْ يَجِدُوا. وَلَكِنْ أَخِيرًا تَقَدَّمَ شَاهِدَا زُورٍ | ٦٠ 60 |
نۇرغۇن يالغان گۇۋاھچىلار ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، ئۇلار بۇلاردىن ھېچقانداق ئىسپاتقا ئېرىشەلمىدى. ئاخىردا، ئىككى يالغان گۇۋاھچى ئوتتۇرىغا چىقىپ: |
وَقَالَا: «هَذَا قَالَ: إِنِّي أَقْدِرُ أَنْ أَنْقُضَ هَيْكَلَ ٱللهِ، وَفِي ثَلَاثَةِ أَيَّامٍ أَبْنِيهِ». | ٦١ 61 |
ــ بۇ ئادەم: «مەن خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۈچ كۈن ئىچىدە قايتا قۇرۇپ چىقالايمەن» دېگەن، دېدى. |
فَقَامَ رَئِيسُ ٱلْكَهَنَةِ وَقَالَ لَهُ: «أَمَا تُجِيبُ بِشَيْءٍ؟ مَاذَا يَشْهَدُ بِهِ هَذَانِ عَلَيْكَ؟». | ٦٢ 62 |
باش كاھىن ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭغا: ــ قېنى، جاۋاب بەرمەمسەن؟ بۇلار سېنىڭ ئۈستۈڭدىن زادى قانداق گۇۋاھلىقلارنى بېرىۋاتىدۇ؟ ــ دېدى. |
وَأَمَّا يَسُوعُ فَكَانَ سَاكِتًا. فَأَجَابَ رَئِيسُ ٱلْكَهَنَةِ وَقَالَ لَهُ: «أَسْتَحْلِفُكَ بِٱللهِ ٱلْحَيِّ أَنْ تَقُولَ لَنَا: هَلْ أَنْتَ ٱلْمَسِيحُ ٱبْنُ ٱللهِ؟». | ٦٣ 63 |
لېكىن ئەيسا سۈكۈت قىلىپ تۇرىۋەردى. باش كاھىن ئۇنىڭغا: ــ [مەڭگۈ] ھايات بولغۇچى خۇدا بىلەن سېنىڭ قەسەم قىلىشىڭنى بۇيرۇيمەنكى، بىزگە ئېيت، خۇدانىڭ ئوغلى مەسىھ سەنمۇ؟» ــ دېدى. |
قَالَ لَهُ يَسُوعُ: «أَنْتَ قُلْتَ! وَأَيْضًا أَقُولُ لَكُمْ: مِنَ ٱلْآنَ تُبْصِرُونَ ٱبْنَ ٱلْإِنْسَانِ جَالِسًا عَنْ يَمِينِ ٱلْقُوَّةِ، وَآتِيًا عَلَى سَحَابِ ٱلسَّمَاءِ». | ٦٤ 64 |
ئەيسا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: ــ شۇنداق، سېنىڭ دېگىنىڭدەك. لېكىن شۇنىمۇ سىلەرگە ئېيتايكى، بۇنىڭدىن كېيىن سىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ قادىر بولغۇچىنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرىدىغىنىنى ۋە كۆكتىكى بۇلۇتلار ئۈستىدە كېلىدىغىنىنى كۆرىسىلەر. |
فَمَزَّقَ رَئِيسُ ٱلْكَهَنَةِ حِينَئِذٍ ثِيَابَهُ قَائِلًا: «قَدْ جَدَّفَ! مَا حَاجَتُنَا بَعْدُ إِلَى شُهُودٍ؟ هَا قَدْ سَمِعْتُمْ تَجْدِيفَهُ! | ٦٥ 65 |
شۇنىڭ بىلەن باش كاھىن تونلىرىنى يىرتىپ تاشلاپ: ــ ئۇ كۇپۇرلۇق قىلدى! ئەمدى باشقا ھەرقانداق گۇۋاھچىنىڭ نېمە ھاجىتى؟ مانا، ئۆزۈڭلار بۇ كۇپۇرلۇقنى ئاڭلىدىڭلار! |
مَاذَا تَرَوْنَ؟». فَأَجَابُوا وَقَالُوا: «إِنَّهُ مُسْتَوْجِبُ ٱلْمَوْتِ». | ٦٦ 66 |
بۇنىڭغا نېمە دەيسىلەر؟ ــ دېدى. ــ ئۇ ئۆلۈم جازاسىغا لايىقتۇر! ــ دەپ جاۋاب قايتۇرۇشتى ئۇلار. |
حِينَئِذٍ بَصَقُوا فِي وَجْهِهِ وَلَكَمُوهُ، وَآخَرُونَ لَطَمُوهُ | ٦٧ 67 |
بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭ يۈزىگە تۈكۈرۈپ، ئۇنىڭغا مۇشت ئاتقىلى تۇردى. بەزىلىرى ئۇنى كاچاتلاپ: |
قَائِلِينَ: «تَنَبَّأْ لَنَا أَيُّهَا ٱلْمَسِيحُ، مَنْ ضَرَبَكَ؟». | ٦٨ 68 |
ــ ئەي مەسىھ، پەيغەمبەرچىلىك قىلمامسەن، ئېيتىپ باققىنا، سېنى كىم ئۇردى؟ ــ دېيىشتى. |
أَمَّا بُطْرُسُ فَكَانَ جَالِسًا خَارِجًا فِي ٱلدَّارِ، فَجَاءَتْ إِلَيْهِ جَارِيَةٌ قَائِلَةً: «وَأَنْتَ كُنْتَ مَعَ يَسُوعَ ٱلْجَلِيلِيِّ!». | ٦٩ 69 |
ئەمدى پېترۇس ساراينىڭ تاشقىرىقى ھويلىسىدا ئولتۇراتتى. بىر دېدەك ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: ــ سەن گالىلىيەلىك ئەيسا بىلەن بىرگە ئىدىڭغۇ، ــ دېدى. |
فَأَنْكَرَ قُدَّامَ ٱلْجَمِيعِ قَائِلًا: «لَسْتُ أَدْرِي مَا تَقُولِينَ!». | ٧٠ 70 |
لېكىن ئۇ ھەممەيلەننىڭ ئالدىدا ئىنكار قىلىپ: ــ سېنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىڭنى چۈشەنمىدىم! ــ دېدى. |
ثُمَّ إِذْ خَرَجَ إِلَى ٱلدِّهْلِيزِ رَأَتْهُ أُخْرَى، فَقَالَتْ لِلَّذِينَ هُنَاكَ: «وَهَذَا كَانَ مَعَ يَسُوعَ ٱلنَّاصِرِيِّ!». | ٧١ 71 |
ئاندىن ئۇ دالانغا چىققاندا، ئۇنى كۆرگەن يەنە بىر دېدەك ئۇ يەردە تۇرغانلارغا: ــ بۇ ئادەممۇ ناسارەتلىك ئەيسا بىلەن بىرگە ئىدى، ــ دېدى. |
فَأَنْكَرَ أَيْضًا بِقَسَمٍ: «إِنِّي لَسْتُ أَعْرِفُ ٱلرَّجُلَ!». | ٧٢ 72 |
ئۇ يەنە ئىنكار قىلىپ: ــ مەن ئۇ ئادەمنى تونۇمايمەن! ــ دەپ قەسەم ئىچتى. |
وَبَعْدَ قَلِيلٍ جَاءَ ٱلْقِيَامُ وَقَالُوا لِبُطْرُسَ: «حَقًّا أَنْتَ أَيْضًا مِنْهُمْ، فَإِنَّ لُغَتَكَ تُظْهِرُكَ!». | ٧٣ 73 |
بىرئازدىن كېيىن، ئۇ يەردە تۇرغانلار پېترۇسنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ شۈبھىسىزكى، سەن ئۇلارنىڭ بىرى ئىكەنسەن، چۈنكى تەلەپپۇزۇڭ سېنى پاش قىلىدۇ، ــ دېيىشتى. |
فَٱبْتَدَأَ حِينَئِذٍ يَلْعَنُ وَيَحْلِفُ: «إِنِّي لَا أَعْرِفُ ٱلرَّجُلَ!». وَلِلْوَقْتِ صَاحَ ٱلدِّيكُ. | ٧٤ 74 |
[پېترۇس] قاتتىق قارغاشلار بىلەن قەسەم قىلىپ: ــ ئۇ ئادەمنى زادى تونۇمايمەن! ــ دېيىشىگىلا خوراز چىللىدى. |
فَتَذَكَّرَ بُطْرُسُ كَلَامَ يَسُوعَ ٱلَّذِي قَالَ لَهُ: «إِنَّكَ قَبْلَ أَنْ يَصِيحَ ٱلدِّيكُ تُنْكِرُنِي ثَلَاثَ مَرَّاتٍ». فَخَرَجَ إِلَى خَارِجٍ وَبَكَى بُكَاءً مُرًّا. | ٧٥ 75 |
پېترۇس ئەيسانىڭ: «خوراز چىللاشتىن بۇرۇن، سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن!» دېگەن سۆزىنى ئېسىگە ئالدى. ئۇ تاشقىرىغا چىقىپ، قاتتىق يىغا-زار كۆتۈردى. |