أَمَّا شَاوُلُ فَكَانَ لَمْ يَزَلْ يَنْفُثُ تَهَدُّدًا وَقَتْلًا عَلَى تَلَامِيذِ ٱلرَّبِّ، فَتَقَدَّمَ إِلَى رَئِيسِ ٱلْكَهَنَةِ | ١ 1 |
ئەمما [شۇ چاغلار] سائۇل ھەر نەپىسىدە رەبنىڭ مۇخلىسلىرىغا تېخىچە ئىزچىل قىرغىنچىلىق تەھدىتلىرى سېلىۋاتقان پەيت ئىدى. ئۇ باش كاھىننىڭ ئالدىغا بېرىپ، |
وَطَلَبَ مِنْهُ رَسَائِلَ إِلَى دِمَشْقَ، إِلَى ٱلْجَمَاعَاتِ، حَتَّى إِذَا وَجَدَ أُنَاسًا مِنَ ٱلطَّرِيقِ، رِجَالًا أَوْ نِسَاءً، يَسُوقُهُمْ مُوثَقِينَ إِلَى أُورُشَلِيمَ. | ٢ 2 |
دەمەشق شەھىرىدىكى سىناگوگلارغا تەۋسىيە خېتى يېزىپ بېرىشنى سورىدى. شۇنداق بولغاندا، ئۇ دەمەشقتە [مەسىھ] يولىدىكىلەردىن بىرەرسىنى، مەيلى ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن تېپىۋالسىلا، باغلاپ تۇتقۇن قىلىپ، يېرۇسالېمغا ئېلىپ كېلىشكە رۇخسەت بولاتتى. |
وَفِي ذَهَابِهِ حَدَثَ أَنَّهُ ٱقْتَرَبَ إِلَى دِمَشْقَ فَبَغْتَةً أَبْرَقَ حَوْلَهُ نُورٌ مِنَ ٱلسَّمَاءِ، | ٣ 3 |
سائۇل يولغا چىقىپ، دەمەشق شەھىرىگە يېقىنلاشقاندا، تۇيۇقسىز ئاسماندىن كۈچلۈك بىر نۇر چۈشۈپ، ئۇنىڭ ئەتراپىنى يورۇتۇۋەتتى. |
فَسَقَطَ عَلَى ٱلْأَرْضِ وَسَمِعَ صَوْتًا قَائِلًا لَهُ: «شَاوُلُ، شَاوُلُ! لِمَاذَا تَضْطَهِدُنِي؟». | ٤ 4 |
ئۇ يەرگە يىقىلدى ۋە ئۆزىگە: ــ سائۇل، سائۇل! ماڭا نېمىشقا زىيانكەشلىك قىلىسەن؟ ــ دېگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدى. |
فَقَالَ: «مَنْ أَنْتَ يَا سَيِّدُ؟». فَقَالَ ٱلرَّبُّ: «أَنَا يَسُوعُ ٱلَّذِي أَنْتَ تَضْطَهِدُهُ. صَعْبٌ عَلَيْكَ أَن تَرْفُسَ مَنَاخِسَ». | ٥ 5 |
ــ ئى رەب، سەن كىمسەن؟ ــ دەپ سورىدى ئۇ. ئاۋاز: ــ مەن سەن زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان ئەيسادۇرمەن. |
فَقَالَ وَهُوَ مُرْتَعِدٌ وَمُتَحَيِّرٌ: «يَارَبُّ، مَاذَا تُرِيدُ أَنْ أَفْعَلَ؟». فَقَالَ لَهُ ٱلرَّبُّ: «قُمْ وَٱدْخُلِ ٱلْمَدِينَةَ فَيُقَالَ لَكَ مَاذَا يَنْبَغِي أَنْ تَفْعَلَ». | ٦ 6 |
ئورنۇڭدىن تۇر، شەھەرگە كىر، نېمە قىلىشىڭ كېرەكلىكى ساڭا ئېيتىپ بېرىلىدۇ» ــ دېدى. |
وَأَمَّا ٱلرِّجَالُ ٱلْمُسَافِرُونَ مَعَهُ فَوَقَفُوا صَامِتِينَ، يَسْمَعُونَ ٱلصَّوْتَ وَلَا يَنْظُرُونَ أَحَدًا. | ٧ 7 |
ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماڭغان ئادەملەر ئاۋازنى ئاڭلىسىمۇ، ھېچكىمنى كۆرەلمىگەچكە، شۇ يەردە ئۈن چىقىرالماي تۇرۇپلا قالدى. |
فَنَهَضَ شَاوُلُ عَنِ ٱلْأَرْضِ، وَكَانَ وَهُوَ مَفْتُوحُ ٱلْعَيْنَيْنِ لَا يُبْصِرُ أَحَدًا. فَٱقْتَادُوهُ بِيَدِهِ وَأَدْخَلُوهُ إِلَى دِمَشْقَ. | ٨ 8 |
سائۇل يەردىن تۇرۇپ، كۆزلىرىنى ئېچىپ قارىدى، لېكىن ھېچ نەرسىنى كۆرەلمىدى. ھەمراھلىرى ئۇنى قولىدىن يېتىلەپ دەمەشققە ئېلىپ كىردى. |
وَكَانَ ثَلَاثَةَ أَيَّامٍ لَا يُبْصِرُ، فَلَمْ يَأْكُلْ وَلَمْ يَشْرَبْ. | ٩ 9 |
ئۇ ئۈچ كۈنگىچە كۆزى كۆرمەس بولۇپ نە يېمىدى نە ئىچمىدى. |
وَكَانَ فِي دِمَشْقَ تِلْمِيذٌ ٱسْمُهُ حَنَانِيَّا، فَقَالَ لَهُ ٱلرَّبُّ فِي رُؤْيَا: «يَا حَنَانِيَّا!». فَقَالَ: «هَأَنَذَا يَارَبُّ». | ١٠ 10 |
دەمەشقتە ئانانىياس ئىسىملىك مەلۇم بىر مۇخلىس بار ئىدى. رەب ئۇنىڭغا بىر غايىبانە كۆرۈنۈشتە كۆرۈنۈپ ئۇنى: ــ ئانانىياس! ــ دەپ چاقىردى. ــ مانا مەن، ئى رەب، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ. |
فَقَالَ لَهُ ٱلرَّبُّ: «قُمْ وَٱذْهَبْ إِلَى ٱلزُّقَاقِ ٱلَّذِي يُقَالُ لَهُ ٱلْمُسْتَقِيمُ، وَٱطْلُبْ فِي بَيْتِ يَهُوذَا رَجُلًا طَرْسُوسِيًّا ٱسْمُهُ شَاوُلُ. لِأَنَّهُ هُوَذَا يُصَلِّي، | ١١ 11 |
رەب ئۇنىڭغا: ــ سەن دەرھال «تۈز» دەپ ئاتالغان كوچىغا بېرىپ، يەھۇدانىڭ ئۆيىدىن تارسۇسلۇق سائۇل ئىسىملىك بىرىنى سوراپ تاپ؛ چۈنكى مانا، ئۇ دۇئا-تىلاۋەت قىلىۋاتىدۇ. |
وَقَدْ رَأَى فِي رُؤْيَا رَجُلًا ٱسْمُهُ حَنَانِيَّا دَاخِلًا وَوَاضِعًا يَدَهُ عَلَيْهِ لِكَيْ يُبْصِرَ». | ١٢ 12 |
ئۇ دۇئا قىلىۋاتقىنىدا، غايىبانە كۆرۈنۈشتە ئانانىياس ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ كېلىپ، كۆزىنى كۆرىدىغان قىلىش ئۈچۈن ئۈستىگە قولىنى تەگكۈزگەنلىكىنى كۆردى، ــ دېدى. |
فَأَجَابَ حَنَانِيَّا: «يَارَبُّ، قَدْ سَمِعْتُ مِنْ كَثِيرِينَ عَنْ هَذَا ٱلرَّجُلِ، كَمْ مِنَ ٱلشُّرُورِ فَعَلَ بِقِدِّيسِيكَ فِي أُورُشَلِيمَ. | ١٣ 13 |
ئانانىياس: ــ ئى رەب، مەن بۇ ئادەمنىڭ خەۋىرىنى نۇرغۇن كىشىلەردىن ئاڭلىدىم، ئۇ يېرۇسالېمدىكى مۇقەددەس بەندىلىرىڭگە شۇنچە كۆپ زىيان-زەخمەت يەتكۈزگەن! |
وَهَهُنَا لَهُ سُلْطَانٌ مِنْ قِبَلِ رُؤَسَاءِ ٱلْكَهَنَةِ أَنْ يُوثِقَ جَمِيعَ ٱلَّذِينَ يَدْعُونَ بِٱسْمِكَ». | ١٤ 14 |
ھازىر ئۇ مۇشۇ يەردە نامىڭغا نىدا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى تۇتۇپ باغلاش ئۈچۈن باش كاھىنلاردىن ھوقۇق ئاپتۇ ــ دېدى. |
فَقَالَ لَهُ ٱلرَّبُّ: «ٱذْهَبْ! لِأَنَّ هَذَا لِي إِنَاءٌ مُخْتَارٌ لِيَحْمِلَ ٱسْمِي أَمَامَ أُمَمٍ وَمُلُوكٍ وَبَنِي إِسْرَائِيلَ. | ١٥ 15 |
لېكىن رەب ئۇنىڭغا: ــ بارىۋەر! چۈنكى ئۇ نامىمنى ئەللەرنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ ھەم ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا ئايان قىلىش ئۈچۈن ئۆزۈمگە ئالاھىدە تاللىغان بىر ئەسۋابتۇر. |
لِأَنِّي سَأُرِيهِ كَمْ يَنْبَغِي أَنْ يَتَأَلَّمَ مِنْ أَجْلِ ٱسْمِي». | ١٦ 16 |
چۈنكى مەن ئۇنىڭغا نامىم ئۈچۈن قانچىلىك ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتىشىنىڭ مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى ئايان قىلىمەن، ــ دېدى. |
فَمَضَى حَنَانِيَّا وَدَخَلَ ٱلْبَيْتَ وَوَضَعَ عَلَيْهِ يَدَيْهِ وَقَالَ: «أَيُّهَا ٱلْأَخُ شَاوُلُ، قَدْ أَرْسَلَنِي ٱلرَّبُّ يَسُوعُ ٱلَّذِي ظَهَرَ لَكَ فِي ٱلطَّرِيقِ ٱلَّذِي جِئْتَ فِيهِ، لِكَيْ تُبْصِرَ وَتَمْتَلِئَ مِنَ ٱلرُّوحِ ٱلْقُدُسِ». | ١٧ 17 |
بۇنىڭ بىلەن ئانانىياس بېرىپ، شۇ ئۆيگە كىردى؛ ئۇ قوللىرىنى سائۇلنىڭ ئۈستىگە تەگكۈزۈپ ئۇنىڭغا: ــ قېرىنداش سائۇل، رەب، يەنى بۇ يەرگە كېلىۋاتقان يولۇڭدا ساڭا كۆرۈنگەن ئەيسا، كۆزلىرىڭنى كۆرەلەيدىغان بولسۇن دەپ ۋە سېنىڭ مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلۇشۇڭ ئۈچۈن مېنى شەخسەن ئۆزى ئەۋەتتى، ــ دېۋىدى، |
فَلِلْوَقْتِ وَقَعَ مِنْ عَيْنَيْهِ شَيْءٌ كَأَنَّهُ قُشُورٌ، فَأَبْصَرَ فِي ٱلْحَالِ، وَقَامَ وَٱعْتَمَدَ. | ١٨ 18 |
سائۇلنىڭ كۆزلىرىدىن خۇددى بېلىق قاسىرىقىدەك بولغان بىر نەرسىلەر چۈشۈپ، كۆزلىرى ئېچىلىپ كۆرەلەيدىغان بولدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى. |
وَتَنَاوَلَ طَعَامًا فَتَقَوَّى. وَكَانَ شَاوُلُ مَعَ ٱلتَّلَامِيذِ ٱلَّذِينَ فِي دِمَشْقَ أَيَّامًا. | ١٩ 19 |
ئۇ غىزالانغاندىن كېيىن، قۇۋۋەتلىنىپ ماغدۇرغا كىردى. |
وَلِلْوَقْتِ جَعَلَ يَكْرِزُ فِي ٱلْمَجَامِعِ بِٱلْمَسِيحِ: «أَنْ هَذَا هُوَ ٱبْنُ ٱللهِ». | ٢٠ 20 |
[سائۇل] دەمەشقتىكى مۇخلىسلارنىڭ يېنىدا بىرنەچچە كۈن تۇردى ۋە ۋاقىتنى ئۆتكۈزمەي سىناگوگلارغا كىرىپ، «ئۇ كىشى خۇدانىڭ ئوغلىدۇر» دەپ ئەيسانى جاكارلاشقا باشلىدى. |
فَبُهِتَ جَمِيعُ ٱلَّذِينَ كَانُوا يَسْمَعُونَ وَقَالُوا: «أَلَيْسَ هَذَا هُوَ ٱلَّذِي أَهْلَكَ فِي أُورُشَلِيمَ ٱلَّذِينَ يَدْعُونَ بِهَذَا ٱلِٱسْمِ؟ وَقَدْ جَاءَ إِلَى هُنَا لِهَذا لِيَسُوقَهُمْ مُوثَقِينَ إِلَى رُؤَسَاءِ ٱلْكَهَنَةِ!». | ٢١ 21 |
ئۇنى ئاڭلىغانلار سۆزلىرىدىن ئىنتايىن ھەيران بولۇشۇپ: ــ بۇ ئادەم يېرۇسالېمدا بۇ نامغا نىدا قىلغۇچىلارنى قاتتىق ۋەيران قىلغان ھېلىقى ئادەم ئەمەسمۇ؟ بۇ يەرگىمۇ مۇشۇنداقلارنى باغلاپ باش كاھىنلارغا تۇتۇپ بېرىش مەقسىتىدە كەلگەنمىدۇ؟ ــ دېيىشتى. |
وَأَمَّا شَاوُلُ فَكَانَ يَزْدَادُ قُوَّةً، وَيُحَيِّرُ ٱلْيَهُودَ ٱلسَّاكِنِينَ فِي دِمَشْقَ مُحَقِّقًا: «أَنَّ هَذَا هُوَ ٱلْمَسِيحُ». | ٢٢ 22 |
لېكىن سائۇلنىڭ قايىل قىلىش كۈچى بارغانسېرى ئېشىپ، ئەيسانىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ دەمەشقتىكى يەھۇدىيلارنى پاراكەندىچىلىككە چۆمدۈردى. |
وَلَمَّا تَمَّتْ أَيَّامٌ كَثِيرَةٌ تَشَاوَرَ ٱلْيَهُودُ لِيَقْتُلُوهُ، | ٢٣ 23 |
كۆپ كۈنلەردىن كېيىن، يەھۇدىيلار سائۇلنى يوقاتماققا قەست قىلماقچى بولدى. |
فَعَلِمَ شَاوُلُ بِمَكِيدَتِهِمْ. وَكَانُوا يُرَاقِبُونَ ٱلْأَبْوَابَ أَيْضًا نَهَارًا وَلَيْلًا لِيَقْتُلُوهُ. | ٢٤ 24 |
لېكىن سائۇل ئۇلارنىڭ سۇيىقەستىدىن خەۋەر تاپتى؛ ئۇنى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇلار كېچە-كۈندۈز شەھەرنىڭ قوۋۇقلىرىدا پايلاپ يۈردى. |
فَأَخَذَهُ ٱلتَّلَامِيذُ لَيْلًا وَأَنْزَلُوهُ مِنَ ٱلسُّورِ مُدَلِّينَ إِيَّاهُ فِي سَلٍّ. | ٢٥ 25 |
لېكىن مۇخلىسلار بىر كۈنى كېچىدە ئۇنى چوڭ سېۋەتكە ئولتۇرغۇزۇپ، سېپىل [كامارىدىن] چۈشۈردى. |
وَلَمَّا جَاءَ شَاوُلُ إِلَى أُورُشَلِيمَ حَاوَلَ أَنْ يَلْتَصِقَ بِٱلتَّلَامِيذِ، وَكَانَ ٱلْجَمِيعُ يَخَافُونَهُ غَيْرَ مُصَدِّقِينَ أَنَّهُ تِلْمِيذٌ. | ٢٦ 26 |
سائۇل يېرۇسالېمغا يېتىپ بېرىپ، ئۇ يەردىكى مۇخلىسلارغا قوشۇلماقچى بولدى، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ مۇخلىس ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەي، ئۇنىڭدىن قورقتى. |
فَأَخَذَهُ بَرْنَابَا وَأَحْضَرَهُ إِلَى ٱلرُّسُلِ، وَحَدَّثَهُمْ كَيْفَ أَبْصَرَ ٱلرَّبَّ فِي ٱلطَّرِيقِ وَأَنَّهُ كَلَّمَهُ، وَكَيْفَ جَاهَرَ فِي دِمَشْقَ بِٱسْمِ يَسُوعَ. | ٢٧ 27 |
بىراق بارناباس ئۇنى ئېلىپ بېرىپ، روسۇللار بىلەن كۆرۈشتۈردى. ئۇ ئۇلارغا سائۇلنىڭ دەمەشقنىڭ يولىدا رەبنى قانداق كۆرگەنلىكىنى، رەبنىڭمۇ ئۇنىڭغا گەپ قىلغانلىقىنى چۈشەندۈردى ۋە ئۇنىڭ دەمەشقتە ئەيسانىڭ نامىدا قانداق جۈرئەتلىك بىلەن سۆز-كالام يەتكۈزگەنلىكىنى ئۇقتۇردى. |
فَكَانَ مَعَهُمْ يَدْخُلُ وَيَخْرُجُ فِي أُورُشَلِيمَ وَيُجَاهِرُ بِٱسْمِ ٱلرَّبِّ يَسُوعَ. | ٢٨ 28 |
بۇنىڭ بىلەن، سائۇل يېرۇسالېمدا روسۇللار بىلەن بىللە ئوچۇق-ئاشكارە يۈرۈپ، يۈرەكلىك ھالدا رەبنىڭ نامىدا سۆز-كالام يەتكۈزەتتى. |
وَكَانَ يُخَاطِبُ وَيُبَاحِثُ ٱلْيُونَانِيِّينَ، فَحَاوَلُوا أَنْ يَقْتُلُوهُ. | ٢٩ 29 |
ئۇ يەنە گرېكچە سۆزلىشىدىغان يەھۇدىيلار بىلەنمۇ سۆزلىشىپ مۇنازىرىلىشەتتى؛ نەتىجىسى، ئۇلار ئۇنىڭغا قەست قىلماقچى بولدى. |
فَلَمَّا عَلِمَ ٱلْإِخْوَةُ أَحْدَرُوهُ إِلَى قَيْصَرِيَّةَ وَأَرْسَلُوهُ إِلَى طَرْسُوسَ. | ٣٠ 30 |
قېرىنداشلار بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنى قەيسەرىيە شەھىرىگە ئېلىپ بېرىپ، ئاندىن ئۇ يەردىن تارسۇس دېگەن شەھەرگە يولغا سالدى. |
وَأَمَّا ٱلْكَنَائِسُ فِي جَمِيعِ ٱلْيَهُودِيَّةِ وَٱلْجَلِيلِ وَٱلسَّامِرَةِ فَكَانَ لَهَا سَلَامٌ، وَكَانَتْ تُبْنَى وَتَسِيرُ فِي خَوْفِ ٱلرَّبِّ، وَبِتَعْزِيَةِ ٱلرُّوحِ ٱلْقُدُسِ كَانَتْ تَتَكَاثَرُ. | ٣١ 31 |
ئۇ چاغدا، پۈتكۈل يەھۇدىيە، گالىلىيە ۋە سامارىيەدىكى جامائەتلەر [بىر مەزگىل] تىنچلىققا ئېرىشىپ، [ئېتىقادتا] قۇرۇلدى؛ رەبنىڭ قورقۇنچىدا مېڭىپ، مۇقەددەس روھنىڭ رىغبەت-تەسەللىسى بىلەن ئۇلارنىڭ سانلىرىمۇ بارغانسېرى كۆپەيمەكتە ئىدى. |
وَحَدَثَ أَنَّ بُطْرُسَ وَهُوَ يَجْتَازُ بِٱلْجَمِيعِ، نَزَلَ أَيْضًا إِلَى ٱلْقِدِّيسِينَ ٱلسَّاكِنِينَ فِي لُدَّةَ، | ٣٢ 32 |
شۇ ۋاقىتلاردا شۇنداق بولدىكى، پېترۇس ھەرقايسى جايلارنى ئارىلاپ يۈرگەندە، لىددا شەھىرىدىكى مۇقەددەس بەندىلەرنىمۇ يوقلاشقا چۈشتى. |
فَوَجَدَ هُنَاكَ إِنْسَانًا ٱسْمُهُ إِينِيَاسُ مُضْطَجِعًا عَلَى سَرِيرٍ مُنْذُ ثَمَانِي سِنِينَ، وَكَانَ مَفْلُوجًا. | ٣٣ 33 |
ئۇ يەردە ئۇ ئەنېياس ئىسىملىك بىر ئادەمنى ئۇچراتتى. بۇ ئادەم پالەچ بولۇپ، ئورۇن تۇتۇپ ياتقىلى سەككىز يىل بولغانىكەن. |
فَقَالَ لَهُ بُطْرُسُ: «يَا إِينِيَاسُ، يَشْفِيكَ يَسُوعُ ٱلْمَسِيحُ. قُمْ وَٱفْرُشْ لِنَفْسِكَ!». فَقَامَ لِلْوَقْتِ. | ٣٤ 34 |
پېترۇس ئۇنىڭغا: ــ ئەنېياس، ئەيسا، يەنى مەسىھ بولغۇچى سېنى ساقايتىدۇ. ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، پالىسىڭنى يىغىشتۇر! ــ دېدى. ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇردى. |
وَرَآهُ جَمِيعُ ٱلسَّاكِنِينَ فِي لُدَّةَ وَسَارُونَ، ٱلَّذِينَ رَجَعُوا إِلَى ٱلرَّبِّ. | ٣٥ 35 |
[ئەنېياسنى] كۆرگەن لىددا شەھىرىدىكى ۋە شارون رايونىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى توۋا قىلىپ رەبگە باغلاندى. |
وَكَانَ فِي يَافَا تِلْمِيذَةٌ ٱسْمُهَا طَابِيثَا، ٱلَّذِي تَرْجَمَتُهُ غَزَالَةُ. هَذِهِ كَانَتْ مُمْتَلِئَةً أَعْمَالًا صَالِحَةً وَإِحْسَانَاتٍ كَانَتْ تَعْمَلُهَا. | ٣٦ 36 |
يوپپا شەھىرىدە بولسا تابىتا ئىسىملىك بىر ئايال مۇخلىس بار ئىدى (ئۇنىڭ ئىسمى گرېكچىدە «دوركاس» ئىدى). ئۇ ھەردائىم ياخشى ئەمەللەر ۋە خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلارغا بېرىلەتتى. |
وَحَدَثَ فِي تِلْكَ ٱلْأَيَّامِ أَنَّهَا مَرِضَتْ وَمَاتَتْ، فَغَسَّلُوهَا وَوَضَعُوهَا فِي عِلِّيَّةٍ. | ٣٧ 37 |
شۇ كۈنلەردە شۇنداق بولدىكى، ئۇ كېسەل بولۇپ، ئۆلۈپ كەتتى. كىشىلەر جەسەتنى يۇيۇپ، ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى بىر ئۆيگە ياتقۇزۇپ قويدى. |
وَإِذْ كَانَتْ لُدَّةُ قَرِيبَةً مِنْ يَافَا، وَسَمِعَ ٱلتَّلَامِيذُ أَنَّ بُطْرُسَ فِيهَا، أَرْسَلُوا رَجُلَيْنِ يَطْلُبَانِ إِلَيْهِ أَنْ لَا يَتَوَانَى عَنْ أَنْ يَجْتَازَ إِلَيْهِمْ. | ٣٨ 38 |
يوپپا شەھىرى لىددا شەھىرىگە يېقىن بولغاچقا، يوپپادىكى مۇخلىسلار پېترۇسنىڭ لىددادا ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئالدىغا ئىككى ئادەم ئەۋەتتى. ئۇلار: «ھايال بولماي يېنىمىزغا كەلسەڭ!» ــ دەپ يېلىندى. |
فَقَامَ بُطْرُسُ وَجَاءَ مَعَهُمَا. فَلَمَّا وَصَلَ صَعِدُوا بِهِ إِلَى ٱلْعِلِّيَّةِ، فَوَقَفَتْ لَدَيْهِ جَمِيعُ ٱلْأَرَامِلِ يَبْكِينَ وَيُرِينَ أَقْمِصَةً وَثِيَابًا مِمَّا كَانَتْ تَعْمَلُ غَزَالَةُ وَهِيَ مَعَهُنَّ. | ٣٩ 39 |
پېترۇس ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇلار بىلەن بىللە يوپپاغا باردى. يوپپاغا يېتىپ كېلىشى بىلەن ئۇلار ئۇنى ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئۆيگە باشلاپ چىقتى. بارلىق تۇل ئاياللار پېترۇسنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ، يىغا-زار قىلىشىپ ئۇنىڭغا دوركاسنىڭ ئۇلار بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىدا ئۆزلىرىگە تىكىپ بەرگەن كۆڭلەك-كىيىملىرىنى كۆرسىتىشتى. |
فَأَخْرَجَ بُطْرُسُ ٱلْجَمِيعَ خَارِجًا، وَجَثَا عَلَى رُكْبَتَيْهِ وَصَلَّى، ثُمَّ ٱلْتَفَتَ إِلَى ٱلْجَسَدِ وَقَالَ: «يَا طَابِيثَا، قُومِي!». فَفَتَحَتْ عَيْنَيْهَا. وَلَمَّا أَبْصَرَتْ بُطْرُسَ جَلَسَتْ، | ٤٠ 40 |
لېكىن پېترۇس ھەممەيلەننى چىقىرىۋېتىپ، تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ دۇئا قىلدى. ئاندىن ئۇ جەسەتكە قاراپ: ــ تابىتا، ئورنۇڭدىن تۇر! ــ دېدى. تابىتا كۆزىنى ئېچىپ، پېترۇسنى كۆرۈپ، ئورنىدا ئولتۇردى. |
فَنَاوَلَهَا يَدَهُ وَأَقَامَهَا. ثُمَّ نَادَى ٱلْقِدِّيسِينَ وَٱلْأَرَامِلَ وَأَحْضَرَهَا حَيَّةً. | ٤١ 41 |
پېترۇس ئۇنىڭغا قولىنى ئۇزىتىپ ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزدى ۋە مۇقەددەس بەندىلەر بىلەن تۇل ئاياللارنى چاقىرىپ، دوركاسنى ئۇلارغا تىرىك تاپشۇرۇپ بەردى. |
فَصَارَ ذَلِكَ مَعْلُومًا فِي يَافَا كُلِّهَا، فَآمَنَ كَثِيرُونَ بِٱلرَّبِّ. | ٤٢ 42 |
بۇ خەۋەر پۈتكۈل يوپپاغا تارقىلىپ، نۇرغۇن كىشىلەر رەبگە ئېتىقاد قىلدى. |
وَمَكَثَ أَيَّامًا كَثِيرَةً فِي يَافَا، عِنْدَ سِمْعَانَ رَجُلٍ دَبَّاغٍ. | ٤٣ 43 |
شۇنداق بولدىكى، پېترۇس يوپپادا سىمون ئىسىملىك بىر كۆنچىنىڭ ئۆيىدە ئۇزۇن كۈنلەر تۇردى. |